خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 30-يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلادىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.
بۇ دوكلادتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى2019 -يىلى ئاتالمىش «تېرورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» نى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتگەن. دوكلادتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى كېيىنچە تاقىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىشى ھېلىھەم داۋاملاشقان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھەر يىلى بىر قېتىم يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلادى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى دوكلادىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى، زىيالىيلىرى ۋە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي سۆز ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئېلان قىلغانخەۋىرىدە خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈرگەن. ئۇنىڭدا يەنە بۇ ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، دېيىلگەن.