خېنەننىڭ شىفوسى يېزىسىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى «قوش تىللىق» مائارىپى تەربىيەسى ئالماقتا


خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى قاش تېشى سودىسى مەركىزى - شىفوسى بازىرىدىكى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىن قوش تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە ئىشلەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرى، جېنپىڭ ناھىيىسىنىڭ شىفوسى بازىرى نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە، 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بۇ يەردە ياشىماقتا، ئۇلارنىڭ سانى كۆپەيگەندە 3000 غا يېتىدىكەن.

شىفوسى بازىرىدىكى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى ئۈچۈن مەزكۇر مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ تىل جەھەتتە قىينالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەش نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە بىر نەپەر ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئايال ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق ئىشىغا سالغان. ئۇلار بالىلارنىڭ خىتاي تىلىدا چۈشەنمىگەن سۆزلىرىنى چۈشەندۈرۈش، دەرس ئۆتۈش ۋە دەرسلەرنى تەكرار قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

«شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى»مۇ شىفوسى بازىرىدىكى مەزكۇر مەكتەپنى زىيارەت قىلىپ،بۇ يەردىكى خىتاي بالىلىرى بىلەن بىرگە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى، مەكتەپ باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، راۋان خىتاي تىلىدا سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى ئېكراندا نامايان قىلىنغان.

ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ھەتتا بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.

شىفوسى بازىرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرى، جېنپىڭ ناھىيىسىگە تەۋە بولۇپ، ئاھالىسى 70مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ جاي خىتاينىڭ مەشھۇر قاش تېشى ئويمىچىلىقى ۋە قاش تېشى سودا مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاساسەن قاش تېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.