شى جىنپىڭ تەيۋەننى خىتايغا قوشۇۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان
2025.01.01
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2024-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە خىتاينىڭ تەيۋەننى قوشۇۋېلىپ، «ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشى» گە ھېچكىمنىڭ توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ بۇ ئارقىلىق، 23 مىليون نوپۇسى بار تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ھەمدە خىتاينىڭ تەيۋەننى يۇتۇۋېلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شى جىنپىڭ خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق پۈتۈن خىتاي پۇقرالىرىغا قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە تەيۋەن ھەققىدە توختىلىپ: «تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلق بىر ئائىلە، ھېچكىم بۇ ئائىلە بېغىنى ئۈزەلمەيدۇ، ھېچكىم دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي مۇقەررەرلىكنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەن.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرغان. تەيۋەن تەرەپ بۇنى خىتاينىڭ «ھەربىي ئىغۋاگەرلىكنى نورماللاشتۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ قارىغان.
خىتاي ئىزچىل تۈردە دېموكراتىك تۈزۈمدىكى تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ كەلگەن بولسىمۇ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى رەت قىلىپ، پەقەت تەيۋەن خەلقىنىڭلا تەيۋەننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردا تەيۋەن بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «بۆلگۈنچى» دەپ قارىغان لەي چىڭدېنىڭ 2024-يىل تەيۋەن پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان بېسىمى ۋە ھەربىي تەھدىتىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ سەزگۈر نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكانىڭ «تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى» ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىغا يول قويىدىغان قانۇن بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ بارماقتا ئىكەن. 2022-يىل ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاي كاتتىبىشى شى جىنپىڭنىڭ 2027-يىلدىن بۇرۇن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ خىتاي بۇ يىل تەيۋەن ئەتراپىدا ئىككى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، زۆرۈر تېپىلسا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، سىياسىي كۆزەتچىلەر بۇ ھەرىكەتلەرنى خىتاينىڭ تەيۋەننى قوراللىق بېسىۋېلىش نىيىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغانىدى.