ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى خوۋلېي، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە شى جىنپىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىش قانۇن لايىھەسى سۇنغان
2022.10.21
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خوۋلېي، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى شېرىكلىك رولىنى جاۋابكارلىققا تارتىش توغرىسىدا بىر قانۇن تەكلىپ لاھىيەسى تەييارلاپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان. مەزكۇر قانۇن لايىيەسى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ 16-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىپ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى يېپىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىدا 3-قېتىم ھوقۇق تۇتۇشى ئېنىق، دەپ قارلىۋاتقان ھالقىلىق بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، دىققەت قوزغىماقتا.
ئامېرىكا «فوكۇس خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خوۋلېي، قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا «شەخسەن شېرىك» بولغانلىقىنى مۇائەييەنلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان ئىكەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان خوۋلېينىڭ سۇنغان مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتە جاۋابكارلىقى بولغان شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (مەركىزىي ئاخابارات ئىدارىسى) نىڭ دېرىكتورى ئاۋرېل خەينېسنىڭ بۇ جىنايەتكە بۇيرۇق بەرگەن خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن قەرەللىك دوكلات سۇنۇشى تەلەپ قىلىنغان.
چەت ئەل تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوجۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قاماش، ئۇلارغا «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى شەخسەن شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بەرگەنلىكى، چېن چۇەنگونىڭ بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
«فوكۇس خەۋەرلىرى»نىڭ ئېيتىشىچە، جوش خوۋلېينىڭ قانۇن تەكلىپ لايىھەسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جوش خوۋلېي «فوكۇس دىگىتال خەۋەرلىرى»گە قىلغان سۆزىدە، «جوۋ بايدېننىڭ دىققىتى چېچىلىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدىكى ھوقۇقىنى تېز مۇستەھكەملەۋاتىدۇ. ئۇ بۇ كۈچ ئارقىلىق دۇنيانى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمۇشقا مەجبۇرلىماقچى» دېگەن.