خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 12‏-ئىيۇندىن 16 ‏-ئىيۇنغىچە قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت بىلەن ئۆزئارا سىياسىي ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى، تېخنولوگىيە ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپى كەسكىنلەشكەن، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى غەرب دۇنياسىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ بۇ زىيارەت ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى ۋە لاگېرلار مەسىلىسىدە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇر رايونىغا قوشنا جۇمھۇرىيەتلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش ئېلىپ بېرىپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىشى، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىشىگە كۆز يۇمۇپ كەلگەن ئىدى. قىرغىزىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى AKIPres نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 12‏-ئىيۇندىن 14‏-ئىيۇنغىچە قىرغىزىستاننى، 14‏-ئىيۇندىن 16‏-ئىيۇنغىچە تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىدىكەن.

خەۋەردە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ خەنخۇينىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 19‏-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5‏-نۆۋەتلىك «ئاسىيادا ئۆز ئارا ئالاقە ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى» ناملىق باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىكى مەزگىلىدە رەسمىي، غەيرىي رەسمىي سۆھبەت، پائالىيەت ۋە ئىككى تەرەپلىمىلىك ئۇچرىشىشلاردا بولۇپ، بىر قاتار كېلىشىم ۋە خىتاپنامىلارنى ئىمزالايدىكەن. لېكىن خەۋەردە، بۇ سۆھبەت، ئۇچرىشىش ۋە پائالىيەتلەردە لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت