رويتېرس ئاگېنتلىقى: «شى جىنپىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-08-09
Share

رويتېرس ئاگېنتلىقى 8-ئاۋغۇست كۈنى تارقاتقان «شى جىنپىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەر ماقالىسىدە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى مۇلاھىزە قىلىندى.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا ئولتۇرغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە زور ئۆزگىرىش ياسىغان. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئۆز ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن، بىر مىليوندىن كۆپرەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى يۈرگۈزگەن. جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە زوراۋان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، زىددىيەتنى ئۇلغايتقان. 

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق دۇنياغا مەبلەغ سېلىشنى جاكارلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاللىقاچان نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چىرىكلىك قاتارلىق سەۋەبلەردىن نارازىلىق قوزغاشقا باشلىغان. ھەتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە باشقا تىجارىي مەسىلىلەردە خاپىلىشىپ قالغان، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىگە مەبلەغ سېلىشىنى خالىمايدىغان، ئۇنىڭ بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كېتىشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 

خىتاينىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا ئۇرۇشىمۇ تىلغا ئېلىنغان بۇ مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ترامپقا ئالدىراپ شىلتىڭ ئېتىپ قويۇشى ئۇنىڭ خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققان زىيالىيلار ئەمەلىيەتنى سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، پۈتۈن مەملىكەتتە ئۇنى قۇرۇق ماختايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. شى جىنپىڭنىڭ زىيالىيلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىنى كونترول قىلىشى ئۇلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت