خىتاي، «شىنجاڭ پاختىسى» دىن ھەزەر ئەيلىگەن ئامېرىكا شىركىتىنى «ئىشەنچىسىز شىركەتلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.02.04

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 4-فېۋرال كۈنى، «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەپ كەلگەن ئامېرىكانىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەكلىرىدىن كالۋىن كلايىننىڭ باش شىركىتى PVH بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىللۇمىنا (Illumina) بىئو-تېخنىكا شىركىتىنى «ئىشەنچىسىز شىركەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بارلىق خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت باج قويۇش قارارى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان پەيتتە، خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئىككى ئامېرىكا شىركىتىنى «ئىشەنچىسىز» دەپ ئېلان قىلىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ترامپ بىلەن سۆزلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك سودا ئۇرۇشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇشىنى ئىپادىلەيدىكەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى PVH نىڭ «شىنجاڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى» نى كەمسىتىشىگە قارىتا بۇ شىركەتنىڭ ئىككى داڭلىق ماركىسى - كالۋىن كلايىن بىلەن تامى خېلفىگېر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇنىڭ ئالدىدا PVH نىڭ ئۆز مال تەمىنلىگۈچىلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى مەلۇم بولغان.

شۇنىڭ بىر بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن يىلى دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن قانۇن ماقۇللاپ، خىتاينىڭ BGI ناملىق داڭلىق گېن تەتقىقات شىركىتىنى چەكلىگەن. BGI نىڭ ئاز دېگەندە ئىككى تارماق شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ «قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىللۇمىنا شىركىتىنى «ئىشەنچىسىز» دەپ ئېلان قىلىشى، ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى جازاسى ۋە BGI نى چەكلىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسى، دەپ قارالماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىدا يۇقىرىقى ھەر ئىككى شىركەت «بازارنىڭ نورمال سودا پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىش، خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان نورمال سودىنى بىكار قىلىش، خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ھەم مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. لېكىن «ياخۇ مالىيە خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، PVH «ئىنۋېستوپىدىيە» گە بەرگەن باياناتىدا، «PVH ئالاقىدار بارلىق قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىدۇ ھەمدە مەۋجۇت سانائەت ئۆلچىمى ۋە ئەمەلىيىتى بويىچە مەشغۇلات قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.