بىر خىتاي ھەربىي ئوفىتسېرى ۋىزا ئالدامچىلىقى بىلەن ئامېرىكىدا قولغا ئېلىنغان

بىر خىتاي ھەربىي ئوفىتسېرى ۋىزا ئالدامچىلىقى بىلەن ئامېرىكىدا قولغا ئېلىنغان. ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى دەلىللەنسە 10 يىللىق كېسىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋاڭ شىن ئىسىملىك مەزكۇر خادىم خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مايور دەرىجىلىكى ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇ سانفرىانسىسكو شەھىرىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەتقىقاتچى سۈپىتىدە كەلگەن.

FBI بۇ ھەقتە تۇرغۇزغان جىنايى شىكايەتتە ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىدىن مائاش ئېلىپ كەلگەنلىكنى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇ، 2018-يىلى ئامېرىكا ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىگە ئۆزىنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قەستەن يوشۇرغان ۋە جەدۋەلگە 2002-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سەھىيە ساھەسىدە دوتسېنت بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى يازغان ئىكەن.

ئۇ ئامېرىكىدىن قايتىشىدا يېنىدىن تېپىلغان بەزى تەتقىقات ئۇچۇرلىرى ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى مەبلەغ سالغان تەتقىقات تۈرلىرىگە ئائىت ماتېرىياللار ئىكەن.

ۋاڭ لوس ئانجىلىس خەلقئارا ئايرودرومىدىن تيەنجىنگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا قولغا ئېلىنغان. ئۇ ئامېرىكا چېگرا قوغداش خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ خىتاي ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن شۇنداق قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىدىكى تەجرىبىخانىنىڭ لايىھەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى خىتاي ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا چېگرا قوغداش دائىرىلىرى ۋاڭنىڭ ئىلگىرى تەجرىبىخانا ئۇچۇرلىرى ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى خىتايدىكى خىزمەتداشلىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغانلىقى ۋە بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئېلىپ خىتايغا قايتىشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت يىپ ئۇچى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىكەن.

ھالبۇكى، FBI نىڭ ۋاڭ ئۈستىدىن سۇنغان شىكايەتنامىدە ئۇنىڭ پەقەت ۋىزا ئالدامچىلىقى جىنايىتى ئارتىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سانائەت جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارىتىلغان سودا مەخپىيەتلىكى جاسۇسلۇقى يىللاردىن بېرى بارغانچە روشەن ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.

بۇ يىل 29-ماي ئامېرىكىدا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكىغا كېلىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيارەتچى ئالىملارنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغانلىقى گۇمان قىلىنسا ئۇلارنىڭ بىردەك چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.