خىتاي دائىرىلىرى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار بىلەن تارىخنى بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلىمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.12.28

خىتاي دائىرىلىرى چېگرا رايونلاردا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»، «مىللەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى» نى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي خەۋەرلەر تورى 28-دېكابىر كۈنى تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا، يېقىندا خىتاي ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى، قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ بېيجىڭدا مەخسۇس «چېگرا رايون ئارخېئولوگىيە ئىلىمى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچقان. يىغىندا، چېگرا رايونلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئارخېئولوگىيەنى قانداق قىلغاندا سىياسەتكە ماسلاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئېڭى بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىلگەن.

بولۇپمۇ ئۇلار ھازىرغىچە چېگرا رايوندا قېزىۋېلىنغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنىڭ «خىتاينىڭ كۆپ خىل ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى مۇھىم پاكىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلىشىشنىڭ شاھىتى ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

«چېگرا رايون ئارخېئولوگلىرى يېڭى دەۋر ھاۋالە قىلغان يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى، چېگرا رايون ئارخېئولوگىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىملىقىنى تولۇق چۈشىنىشى كېرەك... ئارخېئولوگىيە بىلەن تارىخنى بىرلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، چېگرا رايون ئارخېئولوگىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى جەمئىيىتى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە چېگرا رايونلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.»

ئۇنىڭدا يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن:

«تارىخى پاكىتلارنى، ئارخېئولوگىيەلىك جىسىملار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىپ، مىللەتلەرنىڭ تارىخقا بولغان توغرا كۆز قارىشىنى، توغرا بولغان دۆلەت، مىللەت ۋە مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشى كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا تەتبىقلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ خىتاي ئاخباراتلىرىدا تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنىڭ تېپىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ كۆپەيگەن. بۇ خەۋەرلەردە قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلارنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى» نىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.