چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى

دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى 22‏-ئاۋغۇست بېيجىڭدا باشلىنىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىش ھارپىسىدا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى.

تەشكىلات 21‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا: «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى داۋاملىق چەكلەشتەك ئىستىبدات تەبىئىتىنى تەنقىدلەيدۇ» دېگەن.

ئۇلار يەنە، مۇسابىقە نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خىتاينىڭ يەنىلا 176‏-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى تەنقىد قىلغان.

باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022‏-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى خىتايغا بېرىشى، دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى.»

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان 2015‏-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچىدە، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى دۇنيادىكى 180 دۆلەت ئىچىدە 176‏-ئورۇنغا تىزغان ئىدى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا، ھازىر بىرەر يۈزدەك ژۇرنالىست ۋە تور يازغۇچىسىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گاۋ يۈگە ئوخشاش ئاتاقلىق ژۇرنالىستلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.