خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.10.21

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 20-ئۆكتەبىر تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پاكىستان ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بارغانلىقى ۋە ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بايقىمىغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، پاكىستاننىڭ «توغرا مەيدانى» نى ماختىغان، شۇنداقلا يېقىندا 48 دۆلەتنىڭ ب د ت 3-كومىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە 2018-يىلدىن بۇيان 90 نەچچە دۆلەت ئۆمەكلىرىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ئۇ يەردىكى «تىنچلىق، تەرەققىيات» ئەھۋالىنى كۆرگەنلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ «تېررورلۇقنى يوقىتىش تەدبىرى» نى ماختىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنلىكىنى، «مەيدانى توغرا» زاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇخبىر يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيبلىشىگە خىتاينىڭ قانداق قارايدىغانلىقى سورىغاندا، جاۋ لىجىيەن يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇندىن تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ئۆكتەم، قوپال ئۇسلۇبى بويىچە مايك پومپېيونى «يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىقنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ؛ خىتايغا قارشى يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ، ئۇلارغا ئىش ئورنى تېپىپ بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بولسا خىتايدىكى تەرەققىياتنى چەكلەش ئۈچۈن خىتايدىن چاتاق تېپىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي زاۋۇتلىرىغا چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بارغان ئۆمەكلەر ئاساسەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەر بولۇپ، پاكىستان بۇنىڭ تىپىك ئۈلگىسى ئىكەن، خىتاي دەۋاتقان «مەيدانى توغرا» زاتلار ئەمەلىيەتتە خىتايپەرەس ئادەملەر ياكى خىتاي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان كىشىلەر ئىكەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ مايك پومپېيونى ئەيىبلىگەن سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسى ئەزەلدىن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق ۋە ئوغرىلىقنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە باياناتچىلىرى ئارقىلىق توختىماي يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.