ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى BBC غا قارىتىلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.02.15

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەنگلىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى BBC نىڭ خىتايدا تارقىلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتىدا، خىتاينىڭ BBC نى چەكلىشى ئۇنىڭ «ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە ئۆز چېگراسى ئىچىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى ئىلگىرىلەپ چەكلىگەنلىك» بولۇپ، BBC نىڭ چەكلىنىشىنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەنگلىيە ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تەشۋىقات ئاپپاراتى بولغان CGTN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئەنگلىيەدە تارقىتىلىشىنى بىكار قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئارقىدىنلا BBC نىڭ خىتايدا تارقىلىشىنى چەكلىگەنىدى. بۇنىڭ ئالدىدا BBC ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەلىللەر بىلەن ئاشكارىلىغان. BBC نىڭ بۇ خەۋىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، ئۇ BBC نى يالغان خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى CGTN نى باھانە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ BBC نى چەكلەشتىكى ئەسلى غەرىزىنىڭ BBC نىڭ لاگېرلار توغرىسىدىكى خەۋىرى ئىكەن.

BBC نىڭ بۇ خەۋىرى دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك جامائەت پىكىرى پەيدا قىلغانىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتىدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كۆپ خىللىقنى قوغداش، شۇنىڭدەك توردا ۋە تور سىرتىدا پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى قوغداش، جۈملىدىن ھەرقانداق توسقۇنلۇقسىز پىكىر بايان قىلىش، ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى قوغداش جەھەتتىكى ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.