ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولغان ئىككى ياشلىق ئوغلى لۇتفىيار ۋە ئايالى نادىرەنى ئاۋسترالىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن توختىماي پائالىيەت قىلىۋاتقان سادام ئابدۇسالامنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ABC خەۋەرلەر تورىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئايالىغا تەھدىت سېلىپ، ئابدۇسالامنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
بىراق سادام قاچان ئايالى ۋە بالىسى بىلەن ئاۋسترالىيەدە جەم بولمىغۇچە پائالىيەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئاپىسى ۋە ئايالى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئاۋسترالىيە پۇقراسى ئالماس نىزامىدىن ۋە سادام ئابدۇسالاملار ئالدىنقى ھەپتە ئاۋسترالىيەدىكى «تۆت بۇلۇڭ» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەت بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.
نەتىجىدە 7-ئىيۇل كۈنى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرايس پەين بېيجىڭدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئاۋسترالىيە پۇقراسى سادام ئابدۇسالامنىڭ خىتايدا قالغان ئايالى ۋە بالىسىنى خىتايدىن چىقىشقا يول قويۇش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 17-ئىيۇل قىلغان سۆزىدە «ئەگەر ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بىزنى بۇ ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلىسە، بىز چوقۇم ئۇلارنى بىز ئەزەلدىن قىلىپ كەلگەندەك زۆرۈر بولغان ياردەم بىلەن تەمىنلەيمىز،» دېگەن ئىدى. بىراق سادامنىڭ ABC خەۋەرلەر تورىغا بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، بىراق شۇ كۈندىن باشلاپ دائىرىلەر سادامنىڭ ئايالى نادىرەنى ھەر كۈنى سوراق قىلىشقا باشلىغان ۋە «يولدىشىڭ پائالىيەتلىرىنى توختاتسۇن» دەپ بېسىم قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سادام ئابدۇسالام ۋە ئالماس نىزامىدىنلار 24-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختى كانبېرررادا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە جىددىيراق تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلغان.