تىبەتتە بىر ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇسى قىيادىن غۇلاپ كېتىپ 11 ئادەم ئۆلگەن

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10-ئىيۇن بىر ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇسى تىبەتتە قىيادىن غۇلاپ كېتىپ 11 ئادەم ئۆلگەن، 8 ئادەم يارىلانغان.

ۋەقە لاسانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان گوڭگار ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن. ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىبەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىكەن. ئاپتوبۇس لاساغا جايلاشقان بىر ساياھەت شىركىتىگە تەۋە ئىكەن.

ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

خىتايدا تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىلا 400 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كېمە قازاسى يۈز بەرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن.

يەرلىك ھۆكۈمەت تەرەپ چارشەنبە كۈنى تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىمۇ ناھايىتى چەكلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغاندىن سىرت، ۋەقە سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.