خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلىدا 60 نەپەر «چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس» ئېغىزىدىن «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» ئېلىپ بارغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.01

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 2024-يىل 31-دېكابىر چىقارغان بىر خەۋىرىدە، 2024-يىل «شىنجاڭ خەلقئارا تەشۋىقات مەركىزى» نىڭ مەخسۇس سەھىپىسى بولغان «شىنجاڭدا» (InXinjiang) پىروگراممىسىدا زىيارەت بەرگەن چەت ئەللىك شەخسلەرنىڭ 60 قا يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن، ھەر كەسىپ ھەر ساھەدىكى بۇ شەخسلەر ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندا ئېرىشكەن تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، «ھەقىقىي شىنجاڭنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ئېيتقاندەك شىنجاڭ ئەمەسلىكىنى، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى» نى تەشۋىق قىلغان.

بۇ خەۋەرنىڭ بېشىدىلا، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ نېمىشقا «شىنجاڭدا» ناملىق مەخسۇس سەھىپە ئاچقانلىقىنىڭ سەۋەبى كۆرسىتىلىپ، «غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن تارتىپ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دېگەندەك يالغان-ياۋىداقلار بىلەن تولغان، ئۇلار شىنجاڭنى بېكىنمە، قالاق، زۇلۇمغا تولغان جاي قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ، ھالبۇكى ھەقىقىي شىنجاڭ قانداق ئىدى؟» دېگەن سوئال قويۇلغان ھەمدە «ھەقىقىي شىنجاڭ» نى بىلمەكچى بولغانلارنىڭ «شىنجاڭدا» سەھىپىسىدە سۆزلىگەن شەخسلەرنىڭ «شىنجاڭدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە گۈزەل تەسىراتلىرى» غا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى كۆپلىگەن دوكلاتلار ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي كۈچلۈك خەلقئارا بېسىمغا، سودا جەھەتتە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جازا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانىدى. خىتاي بۇنىڭغا قارشى ھالدا «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش، شىنجاڭدا سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاشقا، ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، ئېكسپورت سودىسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ كەلگەنىدى.

  ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارا ساياھەت شىركەتلىرى» ناملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن دوكتور ھېنرىك شاجىۋىسكى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ساياھەتچىلىكنى ۋاسىتە قىلىپ، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى، تەشۋىقاتتا ئۆزى چىقىپ سۆزلىسە باشقىلارنى ئىشەندۈرەلمىگەنلىكتىن، باشقىلارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.