خىتاي ستراخۇۋانىيە ساھەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.04.09


خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 9-ئاپرىل كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ستراخۇۋانىيە نازارەت ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى شياڭ جۈنبونىڭ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئەمما ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇنىڭ پەقەت «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى»نىلا تىلغا ئېلىپ، تەكشۈرۈلۈشى سەۋەبلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شياڭ جۈنبو مەزكۇر ۋەزىپىسىنى بەش يىلدىن بۇيان ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن.

57 ياشلىق شياڭ جۈنبو ئىلگىرى كۆپ يىللار خىتاي يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ باشلىقى، شىركەت لىدىرى، پارتىيە سېكرىتارى بولغان ھەمدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلىتىيىدا مەركىزى كومىتېت ئەزالىقىغا بېكىتىلگەن.

ئانالىزچىلار شياڭ جۈنبونىڭ چىرىكلىك، پارىخورلۇق سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى جەزىملەشتۈرمەكتە. خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىلگىرى جازالانغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي شەخسلەرىنىڭمۇ پەقەت «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى»نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن قاتتىق جازاغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئانالىزچىلار ستراخوۋانىيە ساھەسىنىڭ ئالى رەھبىرىنىڭ ئاتتىن يىقىلىشىنىڭ، خىتاي سراتىخاۋنىيە ساھەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قاتلاملىرىدا چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.