خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى» تەسىس قىلىپ، كومپارتىيەنىڭ دىنى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.01.11

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدىكى «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى» دىن پايدىللىنىپ، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

مەزكۇر تور بەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدە رەئىس ياكى مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ياكى ھەرقايسىي چوڭ جامەلەرنىڭ ئىماملىقىغا تەيىنلەنگەن «قىزىل كىنىشكىلىق دىنىي زات» لارنى ئىشقا سېلىپ مەخسۇس ۋەز - تەبلىغ فىلىمى ئىشلىگەن.

ئۇلاردىن شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ داموللا سۆزلىگەن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ئۆگىنەيلى»، ئۈرۈمچى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا داموللا ھاجىم سۆزلىگەن «ئىسلام دىنى ئوتتۇرىھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ»، ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتنىڭ ئىمامى مۇھەممەترەھىم شېرىپ داموللا ھاجىمن سۆزلىگەن «ئىسلام دىنىدىكى 5 پەرزنىڭ بىرى - روزا تۇتۇش» قاتارلىق ۋەز - تەبلىغ فىلىملىرى تور بەتكە قويۇلغان.

ئابدۇرەقىپ داموللا مەزكۇر تەبلىغ فىلىمىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە ۋە مەدىنە ھەققىدە ئېيتقان ھەدىسلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمان جامائىتىنى ئۆز يۇرتىنى سۆيۈشكە شۇنداقلا ئۆز يۇرتى تەۋە بولغان «ۋەتەن» نى ھىمايە قىلىشقا چاقىرغان.

كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇھاجىرەتتە ياشۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي زاتلار خىتاي ھۆكۈمىتى بازارغا سالغان مەزكۇر تور بەتنىڭ ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ئۈچۈن تەشۋىقات قۇرالى بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.