خىتاي ھۆكۈمەت تورى بىر خىتاي ئەسكەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قېتىمدىلا 6 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان
2021.08.05
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى 5-ئاۋغۇست كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۇرۇشىدا بىر خىتاي ئەسكەرنىڭ بىر قېتىمدىلا 6 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تەنتەنە قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2011-يىلى ئارمىيەگە قاتناشقان ۋۇ جياۋ ئىسىملىك بىر ئەسكەر شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىمى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلىدە يۈز بەرگەن «زوراۋان تېرورلۇق ۋەقەسى» دە بىر قېتىمدا ئالتە كىشىنى ئۆلتۈرگەنىكەن.
دىققەت قوزغايدىغىنى، خىتاي ھۆكۈمەت تورى خەۋىرىدە يەنە، ۋۇجىياۋنىڭ قولىدا قورالى بولمىغان 6 كىشىنى بىۋاستە قارشىلىشىش بولماي تۇرۇپ سوئال-سوراقسىز نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنى «قەھرىمانلىق» دەپ تەسۋىرلىگەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇ ۋەقە 2014-يىلى يازدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئالاھىدە ھەرىكەت بىرىنچى ئەترىتىگە قېچىپ كەتكەن زوراۋان تېرورچىلارنى قوغلاش، قورشاش، قولغا ئېلىش ۋە يوقىتىش بۇيرۇقى بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ۋۇجىياۋ پاختا ئېتىزلىقلىرىدىن قېچىپ كېتىۋاتقان 2 قورالسز كىشىنى نەق مەيداندا مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئارقىدىنلا يەنە 4 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنىكەن.
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە، ۋۇ جياۋنىڭ «مەن پەقەت ئەڭ ياخشى جەڭ ھالىتىنى ساقلاپ، ۋەزىپىنى ئورۇنداپ دۈشمەننى يوقىتىشنى خالايمەن» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇنى «قەھرىمان ئەسكەر» دەپ مەدھىيلىگەن.
ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسىدا تارقىتىلغان بۇ خەۋەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «تېررولۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «سوتسىز ئۆلۈم»، يەنى خىتاي ئەسكەر-ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خالىغانچە ئوق چىقىرىپ قىرىپ تاشلاش قىلمىشلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتى، دەپ قارىماقتا.
ئۇلار يۇقىرىدىكى خەۋەردىكى ۋۇجىياۋ ئىسىملىك بۇ ئەسكەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن پولاتتەك پاكىت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى دېيىشمەكتە.
تېخى يېقىندا خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە قەشقەردىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەنجىرى» دەپ نام بېرىلگەن بىر ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ بىر قېتىملىق ئاتالمىش «تېرورلۇق ۋەقەسى» دە 17 نەپەر ئاتالمىش «زوراۋان تېررورچى» نى بىر قېتىمدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 121 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.