خىتاينىڭ تۇرپاندىن نىڭشياغا تۇتۇشىدىغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» 4-لىنىيەسىنىڭ ئاساسىي قىسمى پۈتكەن

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم پارچىسى بولغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇرپاندىن نىڭشيادىكى جوڭۋېيغا تۇتۇشىدىغان 4-لىنىيەسىنىڭ ئاساسى قىسمى پۈتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 1745 كىلومېتىرلىق مەزكۇر 4-لىنىيە تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە گاز يوللاشنىڭ ئاساسى سېلىنغان.

خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 1-لىنىيەسى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا يولغا قويۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر، بۇ خىل قۇرۇلۇشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق بوشلۇقىنى تېخىمۇ تارايتىۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىغان يېقىنقى 6-7 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. 2022-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان «غەربنىڭ گازنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولىنىڭ تۇرپان-جوڭۋېي 4-لىنىيەسى بېيجىڭنىڭ خىتاي ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا يولى لىنىيەسى گەنسۇدىن ئۆتۈپ نىڭشياغا بارغىچە 17 شەھەر، ناھىيەنى بېسىپ ئۆتۈدىكەن. نۆۋەتتە بۇ گاز تۇرۇبا يولى ئومۇمى گەۋدىسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپ قىسمى تاماملىنىپ بولغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 8-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» نىڭ 4-لىنىيەسى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ 2-ۋە 3-گاز تۇرۇبا يولى لىنىيەسى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ «غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە قانىلىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ» ، ئۇنىڭ «تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تورىنىڭ گاز يوللاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.