خىتاي ھۆكۈمىتى 2025-يىلى 258 «كونا مەھەللە» نى ئۆزگەرتىدىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.02.12

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كونا مەھەللىنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى، يەنى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ، بىنالاشتۇرۇش، ئاھالىلەرنى «قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىجرائاتى داۋام قىلماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11-فېۋرال چىقارغان خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2025-يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى 258 كونا مەھەللە-رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىكەن. خەۋەردە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ داۋاملىق، زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىلا 118 يېڭى مەھەللە قۇرۇلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان ئاھالىلەرنىڭ 18 مىڭ ئائىلىگە يېتىدىغانلىقى» تەشۋىق قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىدە «كونا مەھەللە، ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، جەمئىي 6888 «كونا مەھەللە» ئۆزگەرتىلگەن؛ 2024-يىلى ئۆزگەرتىلگەن «كونا مەھەللە» 857 گە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمەت كومىتېتى» قۇرغان بولۇپ، ئاھالىسى ئازلاپ كەتكەن نۇرغۇن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى «يېڭىلاش» نامىدا چېقىپ تاشلىغان، ئاندىن خىتاي ئاھالىلىرىمۇ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان يېڭى رايون، يېڭى مەھەللىلەرنى قۇرۇپ چىققان، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋىلايەتلىرى ئاساسلىق ئۆزگەرتىش نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، يەكەن قاتارلىق قەدىمى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۆزگەرتىش نامىدا چېقىپ، خىتايچە تۈس ئالغان شەھەر قىياپىتىگە كىرگۈزگەن، قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە سىمۋوللىرى يوقىتىلغانىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى»، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. خىتاينىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى پارچىلاش، يەنى ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى ۋە كوللېكتىپ ياشاش مۇھىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىش ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.