خىتايدا 1-فېۋرالدىن باشلاپ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدىكەن
2017.02.04
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ يىل 1-فېۋرالدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تور بىخەتەرلىكى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىنمىسى، يېمەكلىك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە بىر يۈرۇش يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويىدىكەن.
خەلق تورىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى يېڭى بەلگىلىمە باشقا بارلىق بەلگىلىمىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، تېلېگراف كەسپى خېرىدارلىرى تورغا كىرىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي نام ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. يەنى تېلېگراف كەسپىي تىجارەتچىلىرى خېرىدارلار بىلەن تورغا كىرىش كېلىشىمى تۈزگەندە خېرىدارلاردىن كىملىكىنى چىقىرىش، ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇ يېڭى بەلگىلىمە چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خەلقئاردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، تورغا بولغان كونتروللۇقنىڭ يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي يېڭىدىن يولغا قويغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە ئوخشاش سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر رايونلاردىكى يەرلىك ئاھالىلاردا ئېغىر سىياسىي بېسىم ھېس قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.