2018-يىلىدا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جىددىي تۆۋەنلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا

2018-يىلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جىددىي تۆۋەنلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. رادىيومىز ئوبزورچىسى مايكىل لېليۋېلد بۈگۈن ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى 2018-يىلى ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىدىكەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا مالىيە فوندى، يەنى IMF يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتايدا شەخسلەر ئالغان قەرزنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەردىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. مالىيە فوندى يەنە خىتاينىڭ مالىيە سىستېمىسىنىڭ بارغانسېرى قالايمىقانلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ قالايمىقانچىلىق يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بەرگۈسى مالىيە كرىزىسىگە ئاساس سالماقتا،» دېگەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزگە تايىنىپ بولسىمۇ دۆلەتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 6 پىرسەنتتىن تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سىياسىي خەۋپلەرنىڭ ئىقتىسادىي خەۋپكە قارىغاندا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيەدىكى «مالىيەنى كۆزىتىش ژورنىلى» بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ئىقتىسادشۇناس ئاننى ستېۋېنسون ياڭنى زىيارەت قىلغان. ئاننى ياڭ سۆزىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قالايمىقانچىلىققا قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «قىزىقارلىقى، ئىككى يىل ئاۋۋال ھېچكىم كىرىزىستىن ئېغىز ئاچمايىتتى، ئەمما ھازىر ھەممە كىشى يۈز بەرگۈسى بىر كىرىزىستىن سۆز قىلماقتا،» دېگەن.