«فوربېس» ژۇرنىلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى

ئىقتىساد ئىلمى بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «فوربېس» ژۇرنىلى تۈنۈگۈن خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە مەخسۇس ئانالىز ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جىددىي رەۋىشتە چۆكۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«خىتاي ئىقتىسادى پەقەتلا ‹پونزى ئىسخېمىسى› دىكى بىر گىگانتمۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مەزكۇر ئانالىزدا مۇنداق دېيىلگەن: «‹جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى› گېزىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى سانىدا پۈتكۈل خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ‹پونزى ئىسخېمىسى› دىكى بىر گىگانت گەۋدىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە چۆكۈش خەۋپىدىن خالىي بولالمايدىغانلىقى» ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ئانالىزدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جىددىي چۆكۈشى بەلكىم بۈگۈن ياكى ئەتە بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ خۇددى ئىقتىسادشۇناس ھامفرېي بوگارت قىياس قىلغىنىدەك، پات ئارىدا چوقۇم يۈز بېرىدۇ. يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن يۈز بەرمىگىنى بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھامان يۈز بېرىدۇ.»

ئانالىزدا خىتايدىكى پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كرىزىسى بىلەن مېتال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىدىكى مۇقەررەر يۈزلىنىش ئېچىپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن دوكلام كرىزىسى تۈپەيلى خىتاينىڭ بۇتانغا سالغان 10 مىليارد دوللارلىق غايەت زور مەبلىغىنىڭ كۆيۈش ئېھتىماللىقىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.