«خېڭدا» گۇرۇھىنىڭ ۋەيران بولۇشى خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئىشەنچسىزلىكتىن بېشارەت بەردى

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «خېڭدا گۇرۇھى» ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باستۇرۇشلىرىغا ۋە چەكلىمىلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، 20-سېنتەبىردە مەزكۇر شىركەتنىڭ نيو-يورك پاي چېكى بازىرىدىكى پايلىرى زور دەرىجىدە چۈشۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن «خېڭدا گۇرۇھى» ئاز دېگەندىمۇ 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزگە بوغۇلۇپ، ھالاك بولۇشقا يۈزلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن «خىتايغا مەبلەغ سېلىپ پايدا ئېلىش» نى مەركەز قىلغان سودا ئەندىزىسى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەن.

«نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى پۇل-مۇئامىلە بازىرى پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، سودا ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنىشتا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قانچىلىك قوللىشىغا ئېرىشىش ئەڭ مۇھىم ئىكەن. بۇ جەھەتتە ياۋروپا ياكى ئامېرىكا بازىرىغا ئوخشاش ئىقتىسادىي مېخانىزم بويىچە ئىش كۆرۈش ئاساسىي ئورۇندا تۇرمايدىكەن. خەلقئاراغا تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس مۇھەممەد ئېريان بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنىڭ خىتاينى مەبلەغ سالىدىغان بازار، دەپ مۇقىملىشىپ قالغان چۈشەنچىسى زور كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىشكە باشلىدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى چوڭ سودا شىركەتلىرىدىن بولغان «ئالى بابا گۇرۇھى» مۇ مۇشۇ خىلدىكى كونتروللۇقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە مەزكۇر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن (جېك ما) نىڭ «غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى» ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى.