«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستاندا قولغا ئېلىنغان جاسۇسلار پۈتۈنلەي خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) مىنىستىرلىكىنىڭ كادىرلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن شا خۇڭ ئىسىملىك بىرەيلەن كابۇل شەھرىدە رېستۇران ئېچىۋاتقان ئىكەن. ئافغانىستان ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى بولغان «ھەققانىي گۇرۇھى» بىلەن ئالاقىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاي جاسۇسلىرى ئافغانىستانغا سودىگەر قىياپىتىدە يوشۇرۇنغان ھەمدە تالىبانلار بىلەن ئالاقىدا بولغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە «مەۋجۇت ئەمەس» دەپ قارىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» پارتىيەسىنىڭ «مەۋجۇت» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن شۇلارنىڭ نامىدا پائالىيەت قىلماقچى بولغان. ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرى «خىتاي ھۆكۈمىتى ناۋادا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن بىزدىن رەسمىي ئەپۇ سورىسا بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرىۋېتىشىمىز مۇمكىن. بولمىسا ئۇلار ئافغانىستان قانۇنى بويىچە بىر ياقلىق قىلىنىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى داۋراڭ قىلمايلا يىغىشتۇرىۋېتىشكە ئالدىرىماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزالىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا «مىق» قىلىپ قېقىپ بولغانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى.