ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزدا ياساۋاتقان سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشىنى توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-05-30
Share


30 - ماي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر بايان ئېلان قىلىپ، خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزدا ياساۋاتقان سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

كارتېر ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى مەيدانىنى سىنگاپوردا ئېچىلىۋاتقان بىر خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر يىغىن زالى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەللىرى رەھبەرلىرى، دىپلوماتلار ۋ ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن لىق تولغان ئىدى.

كاتېر مۇنداق دېدى: جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن ئىگىلەش قەدىمى ۋە كۆلىمى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالدى.

ئۇ، ئارالنىڭ ئىلگىرىلەپ ھەربىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە يوشۇرۇن ھەرىكەتلەرنىڭ بۇ يەردە زېمىن تالىشى قىلىۋاتقان ئەللەر ئارىسىدا توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يەردە بىر دۆلەت باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىردى ۋە تىز قەدەم ئالدى. ئۇ بولسىمۇ خىتاي. ھازىر خىتاي 2 مىڭ گېكتار زېمىن ئىگىلىدى. بۇ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بارلىق دېڭىز تەۋەلىكىدىنمۇ كۆپ. بۇ تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان. خىتاي بۇنى پەقەت ئۆتكەن 18 ئاي ئىچىدە قىلدى.

يىغىن مەيدانىدىكى خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرى كارتېرنىڭ پوزىتسىيەسىگە «ئاساسسىز ۋە پايدىسىز» ئېتىرازلىق بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ كۆزىتىش ئايروپىلانلىرى خىتاي سپراتېل ئاراللىرى گۇرۇپپىسى ئەتراپىغا ياساۋاتقان سۈنئىي ئارال ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە خىتاي ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دائىرىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا CNN خەۋەرلەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان CIA نىڭ سابىق مۇئاۋىن دىرېكتورى مايكىل مورېل جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاي ياساۋاتقان سۈنئىي ئارالنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا ھەربىي توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت