خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلىرىنى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەشۋىقاتى ئارقىلىق يوشۇرماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.01.10

«شىنخۇا تورى» نىڭ 9-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تارقىتىش جەمئىيىتى» نىڭ 1-قېتىملىق ۋەكىللەر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ خىزمەت پىلانى، «دويىندا تارقىتىش پروگراممىسى» قاتارلىقلار ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ گۇاڭچياڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «مەدەنىيەت تارقىتىشنى كۈچەيتىش، ‹ئاجايىپ شىنجاڭ› تور ماركىسىنى تىكلەش، توردا بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۈچەيتىش، رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرگە ياخشى ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىش» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، زىيالىيلارنى يوقىتىش، «يېڭى شىنجاڭ ئاھالىسى» قۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىققانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەش» نى مەدەنىيەت تارقىتىش نامىدا تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 10-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان خۇبېي ئۆلكىسى، بورتالا ئوبلاستى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان 14 مىڭ ئوقۇغۇچىنى «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىگەن».

بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە مەكتەپنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش خاراكتېرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنىڭ لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىمالىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. لاگېرلارنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم ياشلارنى مەخسۇس ئىشچى قىلىپ تەربىيەلىگەنلىكى ۋە ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ماڭدۇرغانلىقى مەلۇم. 2023-يىل 4-ئايدا «باھار شامىلى» ھەرىكىتىدە قەشقەردىن بىر كۈندە 102 ئۇيغۇر ياش خۇبېيغا ماڭدۇرۇلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.