خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىنى نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.09.04

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ بىر ۋاسىتىسى» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئىچكىرىدىن زور ساندا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى «سىرتتىن كەلگەن نوپۇسنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىنى شۇ جايدا نوپۇسقا ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىچكىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن خىتاي ئاھالىلىرى پاراۋانلىق، داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي، نوپۇس بېجىرىش قاتارلىق تۈرلەردە باشقىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى شۇ جايدىكى يەرلىك ئۆسمۈرلەرگە ئوخشاش مائارىپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. بولۇپمۇ بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى:«سىرتتىن كەلگەن خىتاي نوپۇسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا، شۇنداقلا يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىشىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ؛ نوپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ياكى ئالاھىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خىتايلارنى جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ» دېگەن ماددىلار كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى نوپۇس كونتروللۇقى دۇنيادا مىسلىسىز بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە نوپۇس يۆتكىشى ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما ئىچكىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇسىغا تىزىملىتىش خىزمىتىنىڭ بۇنچە زور ئىمتىيازلىق تەدبىرلەر بىلەن ئىجرا بولۇشىنى بەزىلەر «كۆچمەن خىتايلاردىكى قورقۇنچ تۇيغۇسىنىڭمۇ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىدۇ» دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.