ئۇيغۇر دىيارىدا پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارنىڭمۇ كومپارتىيەگە ئەگىشىشى تەكىتلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.04.26

ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان «پارتىيەگە ئەگىشىش» ۋە «پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش» تەشۋىقاتى نۆۋەتتە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمدىلىكتە خىتاي كومپارتيەسىنىڭ سىرتىدىكى پارتىيە-گۇرۇھلارغا مەنسۇپ زىيالىيلارنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەگىشىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى تەكىتلىنىشكە باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قارمىقىدىكى بىرلىكسەپ بۆلۈمى يېقىندا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ كومپارتىيە سىرتىدىكى دېموكراتىك پارتىيە ۋە گۇرۇھلارغا ئەزا زىيالىيلارنىڭ «چىن قەلبى بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىشى» كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان. بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلىپ «پارتىيەسىز زاتلار ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار پارتىيەمىز بىلەن بىر دىلدا بولۇشى، شۇنىڭدەك دۆلەتنى سۆيۈپ ئۆز ھەسسىسىنى بېغىشلاشنى داۋام قىلدۇرۇشى كېرەك» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ يېقىندا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشتەك باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىدىن باشقا بىرنەچچە پارتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويغان. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھاكىمىيەت ساھەسىگە يېقىن كەلتۈرۈلمىگەنىدى. ئەمدىلىكتە بۇلارنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەگىشىشكە مەجبۇرلىنىشى ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر پارتىيەلىك ھاكىممۇتلەقلىقىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئاشكارا بولغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.