خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بېيجىڭدا 80 دەك دۆلەت دىپلوماتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا «قايتا-تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 24-فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز بىلەن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ خەنخۇي دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇلار يىغىندا «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى» نى ۋە شۇنداقلا «تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتا ئالغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرى» نى چۈشەندۈرگەن.
يىغىندا جاڭ خەنخۇي «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى بۇ كېسەللىكنى داۋالاش، شۇنداقلا تېررورلۇقتەك يەر شارى خاراكتېرلىك بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مېتودىنى ياراتتى. بۇ ئالقىشلىنىشقا تېگىشلىك» دېگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ، خىتاينىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇنۇشى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40 -نۆۋەتلىك يىغىنى باشلىنىشنىڭ دەل ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى چەتئەل دىپلوماتلىرىنى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ دوكلاتنى بەرگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىر، بانگلادەش، پاكىستان، ۋېنېزۇئېلا، سۇدان، رۇسىيە دېگەندەك دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدۇرغان. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ لاگېرلارنى پەردازلاپ، ساختىپەزلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب تاراتقۇلىرى يىغىننىڭ ھارپىسىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەيئەت تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا 80 دەك دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلومات ۋە ۋەكىللىرىگە لاگېرلار ھەققىدە دوكلات بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.