خىتاي مائارىپ مىنىستىرى مەخسۇس قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى مائارىپ ئەھۋالىنى تەكشۈردى

خىتاي دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلىقى مەخسۇس قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ مائارىپ ساھەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، 16- 17-ئىيۇن كۈنلىرى خىتاي مائارىپ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت باغ يەسلىسى ۋە باشقا جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، سۆھبەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن باۋشېڭ باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ئۆمەكنىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى سىياسىي ئىدىيە خىزمەتلىرى، قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ ئىسلاھات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى ئىلى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ سۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى «مائارىپنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ مۇھىم چارە-تەدبىرى» قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئىلى پېڭشىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتىنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ م مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تۈگۈن ئادەمدە، ئاچقۇچ مائارىپتا» دېگەن يوليورۇقى ئاساسىدا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇمكى، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىدىيىۋى-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ ساھەسىدىكى سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەت ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى كۈرەش قىلىشقا قارىتىلغان ئىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونى پارتكوم دائىرىلىرى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى قاتارلىق قانۇنلىرىدىكى مىللىي تىل ۋە مىللىي مائارىپ ھوقۇقلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسى مىللىتى - ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.