Hikvision مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيەدە يامراپ كېتىۋاتقانلىقى زور دىققەت قوزغىدى

يېقىندا ئەنگلىيەدىكى كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئورنىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان Hikvision شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

«كۈندىلىك تېلېگراف» گېزىتىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كۆزىتىش كامېرالىرى ھەققىدىكى يىللىق يىغىندا ئەنگلىيە بىئومېترىيەلىك نازارەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى فرايزېر سامپسون (Fraser Sampson) بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنى رەت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە ھازىرغا قەدەر Hikvision شىركىتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون ئۈچ يۈز مىڭ كۆزىتىش كامېراسى ئەنگلىيە تەۋەسىدىكى مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلارغا ئورنىتىلىپ بولغان. بۇ شىركەت 2021-يىلىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە لاگېر سىستېمىسىغا بىۋاستە ھەمدە بولغانلىقتا ئەيىبلەنگەنىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سامپسون ئەپەندى Hikvision شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى باش شىركىتىگە مەكتۇپ يوللىغان ھەمدە «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلە ھەققىدە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بۇ مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب بېرىشىڭىزنى سورايمەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىلدىكى ئەخلاق چىركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارغا قارىتا تېزدىن يېتەكچىلىك قوللانمىسى تۈزۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنماقتىكەن.