لىز ۋېلىر: «خىتاينىڭ بىزنىڭ بىلىشىمىزنى خالىمايدىغىنى دەل خىتاينىڭ ھەقىقىي رەزىل ئىچكى يۈزىدۇر»

«بىر ئامېرىكا» خەۋەر تورىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى لىز ۋېلىر 14-ئىيۇل «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىزنىڭ بېلىپ قىلىشىڭىزنى خالىمايدىغان ئىشلىرى» ناملىق بىر پروگرامما ئىشلىگەن. بۇ پروگرامما فېيىسبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان.

لىز ۋېلىر پروگراممىسىدا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دىن تارتىپ، خوڭكوڭ دىموكراتىيەسىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغىچە، بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرلارلانىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قىيىن قىستاققا ئۇچرىشىدىن تارتىپ كورونا ۋېرۇسى ھەققىدە ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغانلارنىڭ ئىز-دىرەكسىز غايىب قىلىنىشىغىچە بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە پروگراممىسىدا «ماركو رۇبىيۇ، تېد كىرۇز قاتارلىق جىگەرلىك پارلارمېنت ئەزالىرى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا قارشى چەكلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. باشقا پارلامىنىت ئەزالىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ سۈكۈتتە تۇرماڭلار، خىتاينىڭ بىزنىڭ بېلىپ قىلىشىمىزنى خالىمايدىغىنى دەل ئۇلارنىڭ ھەقىقىي رەزىل ئىچكى يۈزىدۇر،» دېدى.

9-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا بىۋاسىتە قولى بولغان چېن چۈەنگو قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 13-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ماركو رۇبىيو قاتارلىق 4 نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىغا «جازا تەدبىرى» ئېلان قىلغان ئىدى.