خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن «نازارەتچىلىك قانۇنى» لايىھىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.08

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي يېقىندا ئېلان قىلغان «نازارەتچىلىك قانۇنى» لايىھىسى ھەققىدە مەخسۇس بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى. ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، «نازارەتچىلىك قانۇنى» لايىھىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قولغا ئېلىش، تۇتۇپ تۇرۇش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭدىكى ماددىلار خىتايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، خىتايدىكى ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش، مۇددەتسىز تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ «قانۇن لايىھىسىنى» خىتاي ئۆزى قول قويغان «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپ، دەپ كۆرسەتكەن. 

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي قول قويغان خەلقئارا قانۇنلار بويىچە، ئەگەر بىر كىشى تۇتقۇن قىلىنغان تەقدىردە ئۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئائىلە-تاۋاباتلىرى تۇتقۇننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى، مۇددىتى، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئېلان قىلغان بۇ يېڭى «قانۇن لايىھىسى» دە بۇ ماددىلار قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان ئىكەن. 

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر لايىھىنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يۇقىرىدىكى «قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ ماقۇللانغان تەقدىردە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش» «خالىغانچە مۇددەتتە تۇتۇپ تۇرۇش» قىلمىشلىرىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» مانا بۇ خىل «ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش» نىڭ ئەڭ يارقىن ئۆرنىكى، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.