خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنى چەكلەشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى-بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش بولۇپ كەلگەن ئىدى. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن ئالىدىغان پايدىسىنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلىدى.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان 12 خەلقئارالىق شىركەت بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دائىر تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن تەخمىنەن 110 مىليارت ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە Toyota، Samsung، Intel، Panasonic قاتارلىق تۆت چوڭ شىركەتنىڭ ئالىدىغان پايدىسىلا 95 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىلا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچقان. Omega ۋە Airbnb شىركەتلىرىلا جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىز دەرۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق. شۇڭا بۇ ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز،» دېگەن.
خەلقئارا ساھەنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە مۇھىتىنى خاراب قىلىشى بولۇپ، بۇ مەسىلە كۆپ قېتىم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئىنكاس قىلىنغان ئىدى. يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللار يەنە بىر قېتىم مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جون كوئاتېستىن سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «بىز دۇنياۋىي ھۆكۈمەت ئەمەس. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىكى ئىشلىرىغا بىز ئارىلىشالمايمىز. يەنە كېلىپ بىز پەقەت ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز.»
ئەمما ئولىمپىك ئەھدىنامىسىنىڭ باش بېتىگە «تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىمىز» دەپ يېزىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش دەل ئاشۇ خىل ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلغانلىققا باراۋەر، دەپ قارىماقتا ئىكەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو ئەپەندى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «غەرب شىركەتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى ماھىيەتتە ‹قىرغىنچىلىقنى بەخۇدۈك داۋام قىلىڭلار› دېگەنلىككە باراۋەر» دەپ كۆرسەتكەن.