قىرغىزىستان قەشقەرنى قاراسۇ بىلەن ئەنجانغا ئۇلايدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ئاقسىتىپ قويغان. ئامېرىكا جېمىستوۋن فوندى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئۆز تەۋەسىدىكى 129 كىلومېتىرلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ 104 كىلومېتىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغان. ئەمما قىرغىزىستان بېيجىڭ بىلەن بولغان مالىيە، تېخنىكىلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى سەۋەبلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ئاقساتقان.
جېمىستوۋن فوندىنىڭ خەۋىرىدە، قىرغىزىستاننىڭ تۆمۈر يولنى ياساش-ياسىماسلىق مەسىلىسىدە ئارىسالدى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. قەشقەر خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر تۆمۈر يولىنىڭ باش بېكىتى. پىلانغا ئاساسەن ئۇ تورغات ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ قاراسۇ، ئۇ يەردىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىگە تۇتۇشىدۇ.
مەزكۇر قۇرۇلۇش خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنىڭ بىر قىسمى. ئۇ تۆمۈريولنىڭ ئاخىرى ئۆزبېكىستان ئارقىلىق ئافغانىستان، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ۋە ياۋروپاغا قەدەر يېتىپ بارىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇيغۇر ئىلىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەر ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىشى گۇمانلىق، دەپ قاراپ كەلدى.
جېمىستوۋن فوندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قىرغىزىستان 2012-يىلى مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كېينرەك ئارىسالدى بولۇپ، قۇرۇلۇشنى ئارقىغا سۆرەپ كەلگەن.