خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا ماشىنىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردىمۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.05.30

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ماشىنىلىشىشنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشقانلىقى، كېۋەز تېرىشتىن تارتىپ تاكى دورا چېچىش ۋە ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا ئادەم كۈچى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كېۋەزلىكنىڭ كۆلىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ كېڭەيتىلگەن بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئېشىپ ماڭغان. ئۇلار بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەر قاتارىدا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئامىلىنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى، كېۋەز تېرىشتا ماشىنا بىلەن تېرىش، ئوغۇت چېچىشتا ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلىتىش، پاختا تېرىشتا شوپۇرسىز پاختا تېرىش ماشىنىسى ئىشلىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنىڭدەك خىتاي دېھقان دۇ كەي ئارقىلىق «بوۋامنىڭ زامانىسىدا ھەممىلا ئىشنى ئادەم كۈچى بىلەن قىلغاچقا ئون مو يەرنىڭ پاختىسىنى تېرىشقا بىر ئادەم 45 كۈن ئىشلەشكە توغرا كېلىدىكەنتۇق. ھازىر ھەممىلا ئىشنى ماشىنا بىلەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىرەر يۈز مو يەرنىڭ پاختىسىنى بىرنەچچە سائەتتىلا تاماملايمىز» دېگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ئىزچىل دۇنيا جامائىتىنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئەڭ كۆپ سەرپ بولىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. لاگېرشۇناس ئالىملاردىن ئادريان زېنز 16-ماي كۈنى «چەتئەل سىياسىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەن ھەمدە : «شىنجاڭدا ھازىر پاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بۇرۇنقىدەك كۆپ كۆزگە چېلىقماس بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ سالمىقى ھازىر بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىرلاۋاتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.