ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا دونالد ترامپنىڭ غەلىبىسى بىلەن تەڭلا خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.06

دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى بىلەن تەڭ، خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىدىكى غەلىبىسى جاكارلىنىشى بىلەن تەڭ، خىتاي پۇلىنىڭ دوللار ئالدىدىكى قىممىتى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن. خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان نىسبىتىدە 900 دىن كۆپرەك پوئىنت تۆۋەنلەپ، بىر دوللار 7.19 يۈەنگە توغرا كېلىدىغان ئەڭ تۆۋەن ئۆتكەلدىنمۇ چۈشۈپ كەتكەن.

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ ئاسىيا ئىقتىسادى بويىچە مۇتەخەسسىسى نىك ماررونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىزلىقى خىتاي پۇلى كۇرسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. بۇ ئەھۋال، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئامېرىكانىڭ خىتاي پۇلى كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدەك بۇ ئەھۋالنى خىتايغا قارشى كوزىر قىلىپ قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنت مەزگىلىدە خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى باشلاپ، خىتاي ماللىرىغا 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغان سابىق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قېتىملىق سايلامدىن كېيىن ئاقسارايغا قايتىپ كېلىشى، نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن «خىتايدىن ئايرىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش» سىگنالى ئىكەن. چۈنكى نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلار، ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن كېيىن خىتاي ماللىرىغا قويۇلىدىغان باجنى يەنىمۇ كۆپەيتىدۇ، دەپ قارايدىكەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.