خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي زاتلارنى باستۇرۇشتا نورمال دىنىي مۇراسىملارنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دەپ بېكىتكەن
2024.03.11
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي زاتلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشتا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت بۇرۇن يول قويغان نورمال دىنىي مۇراسىملارنىمۇ جىنايەت سەۋەبى قىلغان.
يېقىندا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا، ئۇيغۇرشۇناس ئانتروپولوگ دەررېن بايلېرنىڭ «خىتاي قانداق قىلىپ شىنجاڭدىكى مۇراسىملارنى قانۇنسىزلاشتۇردى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە جېمىنەي ناھىيەسىدىكى ساقچىلارنىڭ نۇرلان ئىسىملىك بىر دىنىي زاتنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغان» دەپ تۇتقۇن قىلغانلىقى مۇھىم مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
50 ياشقا كىرگەن نۇرلان يەرلىك خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت تاپقان دىنىي زات بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ئىسمىنى قويۇپ بېرىش، ياشلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇپ بېرىش، ۋاپات بولغانلارنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق نورمال دىنىي مۇراسىملارغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن. 2017-يىل 6-ئايدا تۇتۇلۇپ يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغان؛ 2018-يىل 8-ئايدا ئۇ «ئادەم توپلاپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلىدىغان بۇيۇملارنى ساقلاش» دېگەندەك «ئۈچ خىل جىنايەت» بىلەن 17 يىللىق كېسىلگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئۈچ خىل جىنايەت خىتاينىڭ سوت ۋە ساقچى ئىدارىلىرى ئالدىن تەييارلاپ قويغان جىنايەت قالپىقى بولۇپ، نۇرلانغا ئوخشاش دىنىي زاتلار تۇتۇلغاندىن كېيىن ئومۇمەن مۇشۇ قالپاق بىلەن جازالانغان. دىنىي زات نۇرلان لاگېرغا سولىنىشتىن ئىلگىرى ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان. بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي زاتلارنى خالىغان چاغدا خەلق ۋەكىلى قىلىپ قويىدىغانلىقى، خالىغان چاغدا «ئەسەبىي ئۇنسۇر» دەپ جازالايدىغانلىقىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى ھېسابلىنىدىكەن.