خىتاينىڭ تاشقى قەرزى 2021-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىككى تىرىليون 700 مىليارد دوللارغا يېتىپ بارغان. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 2 تىرىليون 700 مىليارد دوللارلىق تاشقى قەرزىنىڭ 47 پىرسەنتى ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرزى ئىكەن. خىتاي دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چۈنيىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تاشقى قەرزىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا 3 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي تاشقى قەرزىنىڭ ئارتىشى ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئختىلاپى كۈچەيگەن، ئامېرىكا قانۇن چىقىرىپ، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چەكلەشنى يولغا قويغان، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ مەھسۇلاتلارنى چەكلەش توغرىسىدا قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، 2021-يىلىنىڭ 3-پەسىلىدىلا خىتاي تاشقى قەرزى ئومۇمى سوممىسىغا 167 مىليارد 700 مىليون دوللار قوشۇلغان.
خەۋەردە، خىتاي تاشقى قەرزىنىڭ ئارتىشىدا چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ خىتاي زايومىنى سېتىۋېلىشىنىڭ قىسمەن رول ئوينىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىراق «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چۈنيىڭ، دائىرىلەرنىڭ خىتاي تاشقى قەرزىنىڭ كۆلىمى ۋە قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق يېقىندىن نازارەت قىلىپ، سەرمايىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېقىش خەۋپى، شۇنداقلا يەرشارى خاراكتېرلىك يۇقۇم ۋە تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سەرمايىنى قىسىشىغا قارىتا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.