غۇلجادا ساقچىلارنىڭ قىيىن-قىستىقىدا ئۆلگەن خىتاي پۇقراسىنىڭ دېلوسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى
2024.01.16
14-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ «مالىيە خەۋەرلىرى» تورى، 2018-يىلى غۇلجادا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىيىن-قىستىقىدا ئۆلگەن 31 ياشلىق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ دېلوسىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ خەۋىرىنى دەرھال توردىن ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دېلو خىتاي تورلىرىدا خېلى غۇلغۇلا قوزغاپ، چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغىمۇ تارقالغان. بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ سوراق جەريانىدىكى قىيىن-قىستاقتا ئۆلۈشى، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىل باشلىغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇرلار قانۇننىڭ قوغدىشىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغانلىقى، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ھەرقانداق زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ قانۇنى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى مەلۇم.
«مالىيە خەۋەرلىرى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىيىن-قىستاقتا ئۆلگۈچى غۇلجادا ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي ئايالنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى 27-مارت كۈنى قورغاستا جېدەل ماجىرا پەيدا قىلىش، ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانىكەن. ئۇ، شۇ يىلى 9-ئايدىكى بىر قېتىملىق سوراقتا قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، تاياق زەربىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانىكەن.
ساقچى تەرەپ سۈن رېنزې ئىسىملىك بۇ خىتاي پۇقراسىنىڭ گېلىگە سۇ تۈرۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قانۇن دوختۇرى ۋە ئادۋوكات ياللاپ، توختىماي ئەرزى قىلىشى ئارقىسىدا، ئاخىرى كۈيتۇن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى بۇ دېلو ئۈستىدىن 2023-يىلى 11-ئايدا سوت ئاچقان.
مەلۇم بولۇشىچە، سوتتا سۈن رېنزېنىڭ ئۆلۈشىگە چېتىشلىق 8 ساقچى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، 3 يىلدىن 8 يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. خۇنەننىڭ جۇجوۋ شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى گو مىننىڭ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە ئېيتىشىچە، خىتايدا گۇماندارلارنى سوراق قىلىشتا بۇ خىل «ئۇسۇل» كەڭ ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قارىتا ساقچىلارنىڭ نىسبەتەن تۈرۈمنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما سىياسىي دېلولاردا ساقچىلارنىڭ «قىلمايدىغىنى يوق» ئىكەن.