خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى «ساقچى پونكىتلىرى» داۋاملىق پاش بولماقتا
2023.04.19
خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان قارا قولى داۋاملىق ھەرىكەتتە بولۇپ، چەت ئەللەردە ھەر خىل شەكىللەردە ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى ۋە بۇلارغا خىزمەت قىلىدىغان خىتايلارنىڭ داۋاملىق پاش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 18-ئاپرېل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكادىكى ئىككى خىتاي جاسۇسى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نيۇ-يوركنىڭ مانخاتتان رايونىدىكى مەخپىي خىتاي ساقچى پونكىتىنى تاقىۋەتكەن. ئەمما ئامېرىكانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ خىتاينىڭ مۇشۇنداق قانۇنسىز تەشكىلاتلىرى بار ئىكەن.
ئىسپانىيەدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى» (Safeguard Defenders) ئۆتكەن يىل ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 100 دىن ئارتۇق مەخپىي ساقچى پونكىتلىرى بارلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
مەزكۇر تەشكىلات يېڭىدىن ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مانخاتتاندىكى خىتاي رېستۇرانىغا جايلىشىۋالغان بۇ ئاتالمىش «ساقچى پونكىتى» دىن باشقا يەنە نيۇ-يوركتا ئادرېسى نامەلۇم بىر «ساقچى پونكىتى»، لوس-ئانژېلىستا بىر «قاراۋۇلخانا» سى بار ئىكەن. خىتاي يەنە ئامېرىكانىڭ سان-فرانسېسكو، ھيۇستون شەھىرىدە، نېبراسكا بىلەن مىنېسوتا شىتاتلىرىدا ئاتالمىش «چەت ئەلدە مۇلازىمەت قىلىش پونكىتى» قۇرغان.
ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى نيۇ-يوركتا ئىككى خىتاي جاسۇسىنى تۇتقاندىن كېيىن، شۇ كۈنى شەرقىي نيۇ-يورك تەپتىشى بروئىن پېس (Breon Peace) بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نيۇ-يوركتا مەخپىي ساقچى پونكىتى قۇرغانلىقىنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى؛ بۇنداق ساقچى پونكىتلىرى نيۇ-يوركتىلا ئەمەس، ئامېرىكانىڭ ھەر قانداق يېرىدە مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك» دېگەن.