خىتاي ج خ ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ياز پەسىللىك تور تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى «يازلىق بىخەتەرلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نامىدا تور تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تور تازىلاش ھەرىكىتىدە نۇقتىلىق ھالدا «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆسەك گەپلەر»، «ساقچىلارغا چېتىشلىق ساختا سىنلار»، «يۇقۇم ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆسەك سۆزلەر» ۋە «كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مىش-مىش پاراڭلار» نى تارقاتقانلارغا زەربە بېرىلگەن.

خەۋەردە، «يازلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدىكى تورلاردا 475 ئۇچۇرنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى، تور زوراۋانلىقىغا دائىر 85 دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىق ھەمدە تور زوراۋانلىقىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جازالانغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك، ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئىنتېرنېت تورى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئەڭ ئىلغار تەقىب تېخنىكىلىرى بىلەن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسى بويىچە ئېلىپ بارغان «پاكىز ئىنتېرنېت 2024» ئالاھىدە ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

يېقىندا رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى سالمىقىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

يېقىندا، قۇمۇلنىڭ ئاستانە يېزىسىدىكى بېلىقىز ئىسىملىك بىر خانىم ئۆز يېرىنىڭ قانۇنسىز تارتىۋېلىنغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ ۋىدىيو تارقاتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋىدىيوسى دەرھال تور بەتلەردىن ئۆچۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ئايالنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قۇمۇل ئاستانەدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئارقىلىق دەلىللەنگەنىدى.

يۇقىرىدىكى خەۋەردە بولسا «يازلىق ھەرىكەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ توردا ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك 109 دېلونى تەكشۈرگەنلىكى، 109 ئادەمنى مەمۇرىي جازاغا تارتقانلىقى ۋە 449 كىشىگە قاتتىق تەنقىد-تەربىيە ئىشلىگەنلىكى » بايان قىلىنغان.