ساختا Apple Watch خىتاي بازارلىرىدا سېتىلىشقا باشلىغان


ئامېرىكا ئالما شىركىتى يېڭى تونۇشتۇرغان سائەتلىرىنى خىتايدا بازارغا سېلىپ بولغۇچە خىتاي بازارلىرىدا مەزكۇر يېڭى سائەتلەرنىڭ ساختا نۇسخىلىرى سېتىلىشقا باشلىغان.

ئالما شىركىتى يېڭى ئېلان قىلغان سائەتلىرىنى ئۈچۈن بۇ يىل 24- ئاپرېلدىن باشلاپ توردا بۇيرۇتما قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلغان. ئالما شىركىتى ئۆز سائەتلىرىنىڭ نۇسخىسىغا قاراپ 350 دوللاردىن 17 مىڭ دوللارغىچە سېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، دەۋر ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى taobao تورىدا مەزكۇر سائەتلەرنىڭ ساختا نۇسخىلىرى 30 دوللارغا سېتىلىشقا باشلىغان.

خىتايدىكى taobao تورى ئىلگىرى ساختا داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ساتقانلىقى ئۈچۈن سوتقا تارتىلىغان ئىدى.