رۇسىيە خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپ ئىستراتېگىيەسىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا خىتاي ئۆزىنىڭ «شىمالىي قۇتۇپ ئاق تاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن رۇسىيە تەرەپ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتىكى مەزمۇنلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ھەمدە خىتاينى رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈش، ئىلمى تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئېچىش پىلانلىرى ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ ئەڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بولسا، خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپقا كىرىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشى نەتىجىسىدە رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنى قوللىشىغا موھتاج بولۇشى شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەت سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي شىمالى قۇتۇپقا كىرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەمۇ بۇ مەسىلىدە يول قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
رۇسىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئاندرېي دېنىسوۋ خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپ پىلانى ھەققىدە توختالغاندا، رۇسىيەنىڭ ئەندىشىسىنى يوشۇرمىغان بولۇپ، ئۇ: «شىمالىي قۇتۇپ رۇسىيەنىڭ شىمالى قۇتۇپ يولى بولۇپلا قالماستىن يەنە كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ سۇ دائىرىسىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، شىمالىي قۇتۇپ سۇ رايونىنى ئىشلىتىش ۋە ئېچىشتا ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ» دېگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە خىتاينىڭ شىمالى قۇتۇپقا مەبلەغ سېلىشىنى خالىسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇ جايلارنى كونترول قىلىشنى خالىمايدىكەن. رۇسىيە پەقەت خىتاينىڭ پۇلىدىن پايدىلانماقچى، رۇسىيە يېقىندا ئۆزىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ قانۇنىنى ئېلان قىلماقچى ئىكەن شۇنىڭدەك ئۇ يەنە شىمالىي قۇتۇپنى تېخىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس شىمالى قۇتۇپ قوشۇنىنى قۇرغان.