خىتاي شىركەتلىرى قۇل ئەمگىكى سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە تەھدىت سالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.02.12

ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىش بەدىلىگە پايدا ئېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى، بۇ ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارنى «تۆھمەت قىلدى» دەپ ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇنغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 12-فېۋرال ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىر يىل ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ شېفىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بىر كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى 2024-يىل 11-ئايدا ئۆتكۈزگەن بىر مەيدان مۇنازىرە يىغىندا، بۇ دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ، خىتاينىڭ يېڭىچە بىر قۇللۇق تۈزۈم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك دەۋرىنى ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئارقىدىنلا، خىتاينىڭ بۇ شىركىتى مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار يۇقىرىقىدەك ئەرز-شىكايەتلەرگە دۇچار بولماقتا ئىكەن. خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى تەتقىقاتچىلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ياكى ئادۋوكات ئارقىلىق خەت ئەۋەتىپ تەھدىت سالغان. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە چىققان «يامان خەۋەرلەر» نى بېسىقتۇرۇپ، ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىنى قوغداپ، خەلقئارا بازاردا زىيان تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا، تېخنىكا ساھەلىرىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي كارخانىلىرى بىلەن ئۇلارنى تەنقىدلەيدىغان تەتقىقاتچىلار ئارىسىدىكى كۈرەش يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.