خىتاينىڭ باش شتابى خوڭكوڭدىكى «يىدا گۇرۇھى» ناملىق شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، «ھيۇگو بۆس» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى داڭلىق خەلقئارا ماركىلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق سودا قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. «بازفېد خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ھيۇگو بۆس، تومى ھېلفېگىر قاتارلىق داڭلىق ماركىلار ئۆتكەن يىلى «يىدا گۇرۇھى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق ئامېرىكاغا ئېلىپ كىرگەن.
خەۋەردە، ھيۇگو بۆس ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى «شىنجاڭ پاختىسى» دا ئىشلەپچىقىرىلمىغان، دەپ بازارغا سالسىمۇ، بىراق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا كەڭ تارقالغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرنى مۇتلەق كونترول قىلىشى تۈپەيلى تەمىنات زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقىنى ئېنىقلاش مۇمكىن ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن. «يىدا گۇرۇھى» مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 7-ئايدا «يىدا گۇرۇھى» نىڭ سانجىدىكى بىر زاۋۇتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىشى سەۋەبلىك بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن.
«بازفېد خەۋەرلىرى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا «يىدا گۇرۇھى» نىڭ سانجىدىكى زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى زاۋۇتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭدىكى زاۋۇتلىرى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى زاۋۇتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلاشقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەيلى ھيۇگو بۆس، تومى ھىلفېگېر ياكى رالف لائۇرېن بولسۇن «يىدا گۇرۇھى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى قايتا-قايتا سورىغان بولسىمۇ، ئېيتىپ بەرمىگەن.