ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ ھەپتە ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇلمايدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە ئائىت يېڭى تىزىملىكنى ئېلان قىلىدىكەن.
بۇندىن ئىلگىرى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 31 خىتاي شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن. بۇ تىزىملىكتە خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى، خىتاي تېلېگراف شىركىتى، نازارەت كامېرا شىركىتى بولغان «Hikvision» ۋە خىتاي تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتى قاتارلىق شىركەتلىرى بار ئىدى.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدېننىڭ يېڭى بۇيرۇقىدا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي مۇداپىئە ۋە نازارەت قىلىش تېخنىكىسى ساھەلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدار بولغانلىقتىن ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرايدىغان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم نۇقتا بولىدىكەن. بايدېن ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى بۇ تىزىملىككە يەنىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى قوشۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ئاز كۆرۈلىدىغان بىرلىك ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرشارىدىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى نىيىتى كەسكىن ئىكەن.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كوتتون، ماركو رۇبىئو ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى گارى پېتېرس ۋە مارك كېللىي بىرلىكتە بۇ ھەپتە بېشىدا بىرلىكتە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا سانائىتىگە قاراتقان ئىقتىسادىي ھۇجۇمىنى توسۇشتا دادىل ھەرىكەت قىلىشى كېرەك» دېگەن.