ئامېرىكادىكى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقارغۇچىلار خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇن سۇنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.08.19

ئامېرىكادىكى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى يېقىندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاينىڭ قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى شىركەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىنى مالايسىيا، ۋېيتنام ۋە تايلاندقا يۆتكەپ ساختىپەزلىك قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ خىتاي قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى شىركەتلىرىگە قويغان جازا تەدبىرلىرىدىن قېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6-ئايدا قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرىمنېي قاتارلىق ھالقىلىق خام ماتېرىياللىرىنى ئىشلەيدىغان 5 خىتاي شىركىتىگە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئىدى.

«بلۇمبېرگ» خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئامېرىكا شېركەتلىرى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى بىر ئادوۋكاتلىق ئورنى ئارقىلىق ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا ئەرز سۇنۇپ، ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرىنىڭ خىتاينىڭ مالايسىيا، ۋېيتنام ۋە تايلاند قاتارلىق 3 دۆلەتتىكى شىكەتلەرگىمۇ تەتبىقلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

ئەرزنامىدە ئۇلار خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان لوڭجى يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكا شىركىتى، تىرىنا قۇياش شىركىتى، جىنكو سولار پاي كونترول شىركىتى ۋە JA قۇياش ئېنېرگىيىسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى يەر ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئامېرىكانى بۇ شىكەتلەرنىڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە ۋە جازا تەدبىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خىتاي شىركەتلىرى قۇرغان زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ قاپلاشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى مۇرەككەپ تىجارەت ئۇسۇللىرى سەۋەبىدىن ئۈنۈملۈك نەتىجە بەرمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى پاختا مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىمۇ كۆرۈنگەن ئىدى. بۇ سەۋەبلىك مۇتەخەسسىسىلەر ئىمپورت قىلغۇچى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى مەھسۇلاتنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.