ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «مەمۇرىي رايونلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» نى مۇزاكىرە قىلغان
2022.06.27
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ دائىمىي كومىتېتى 26-ئىيۇن كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 40-نۆۋەتلىك كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنى ۋە مەركىزى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىننىڭ ئەڭ دىققەت قىلارلىق نۇقتىسى، ئۇنىڭ رايوندا مەركىزى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ «مەمۇرىي رايونلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىشى بولغان.
«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا مۇنداق دېيىلگەن: «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ۋە يولغا قويۇش، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارار چىقىرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى، شىنجاڭنىڭ رېئاللىقىغا زىچ بىرلەشتۈرۈش، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداش…. . مەركىزى كومىتېتنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈش خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش، مەمۇرى رايونلارغا ئايرىشنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك.»
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ «مەمۇرى رايونلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ كونكرېت نېمىلەرنى كۆزدە تۇتقانلىقى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ كۆزەتكۈچىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «مەمۇرى رايونلارغا قايتا ئايرىش ئىسلاھاتى» ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلغان. «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە «شىنجاڭ سۇ ئىشلىرى تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى» تەشكىللەپ، دۆلەتكە ئائىت سۇ بايلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش، رايوندىكى سۇ بايلىقىنىڭ تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىشنى تەكىتلىگەن.